تايم ژۇرنىلى بۇ يىلنىڭ تەسىرى كۈچلۈك 100 ئادىمىنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكىدا چىقىدىغان «تايم ژۇرنىلى»، «يىلنىڭ تەسىرى كۈچلۈك 100 كىشىسىنىڭ ئىسمى» نى ئېلان قىلدى.

1185889
تايم ژۇرنىلى بۇ يىلنىڭ تەسىرى كۈچلۈك 100 ئادىمىنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «تايم ژۇرنىلى» تەرىپىدىن ھەر يىلى ئېلان قىلىنىدىغان «يىلنىڭ تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك 100 كىشىسى» تىزىملىكىدە بۇ يىل لىدىرلار كاتېگورىيەسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جاسىندا ئاردېرن، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان، مالايشىيا باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەد، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسىي پېلوسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەڭ ياش ئەزاسى، نيۇ يورك ۋەكىلى ئالېكساندىرا ئوكاسىئو – كورتېز ۋە ئەبۇ دابى تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھيان قاتارلىقلار ئورۇن ئالدى.

نيۇ جېرسېي ئىشتاتىنىڭ سابىق جۇمھۇرىيەتچى ۋالىيسى كىرىس كىرىستىې، ترامپنىڭ تىزىملىككە كىرىشى توغرىسىدا توختىلىپ، «ھەرقانداق مودېرن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. ترامپ بۇنى ناتو دۆلەتلىرىنىڭ ئادىل شەكىلدە بەدەل پۇلى تۆلىمەسلىكىگە قارشى چىقىش، خىتاي ۋە شىمالىي ئامېرىكىلىق قوشنىلىرىمىزنى تېخىمۇ ئادىل سودا كېلىشىملىرىنى تۈزۈشكە قىستاش ۋە ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇردى» دېدى.

ئۇ، ئامېرىكىنىڭ پىرېزىدېنتىنىڭ شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگىمۇ «ترامپنىڭ ئەڭ جەسۇرانە تاشلىغان قەدىمى» دەپ باھا بەردى.

يېڭى زېلاندىيەدىكى ئىككى جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىنكى پوزىتسىيەلىرى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جاسىندا ئاردېرنمۇ لىدىرلار كاتېگورىيەسىدىن ئورۇن ئالدى.

لوندون شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى سادىق خان جاسىندا ئاردېرن توغرىسىدا توختىلىپ، «ھۇجۇملاردىن كېيىن ئاردېرننىڭ لىدىرلىقى ھەممىمىزگە ئىلھام بولدى. پەقەت قورالنى كونترول قىلىش جەھەتتە تېز قەدەم تاشلاش بىلەنلا قالمىدى، ئەينى ۋاقىتتا پۈتكۈل دۇنياغا ئورتاق قىممەت – قاراشلىرىمىز ھەققىدە كۈچلۈك سىگنال بەردى. بىزنى پارچىلىماقچى بولغانلارنىڭ قەتئىي ئۇتۇق قازىنالمايدىغانلىقىنى، يېڭى زېلاندىيەنىڭ ھەردائىم خىلمۇخىللىقىنى، ئوچۇق – ئاشكارىلىقنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق بەختلىك بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى» دېدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ ۋە ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى مۇۋەققەت پىرېزىدېنت دەپ ئېلان قىلغان، ئامېرىكا قاتارلىق كۆپلىگەن غەرب ۋە لاتىن ئامېرىكىسى دۆلىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن پارلامېنت باشلىقى خۇەن گۇايدونىڭمۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئېلىشى دىققەتنى تارتتى.

يەمەنلىك كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى راديا ئەلمۇتەۋەككىل، ئامېرىكىدىكى رۇسىيە تەكشۈرۈشىنى ئۈستىگە ئالغان ئالاھىدە ھوقۇقلۇق مۇپەتتىش روبېرت مۇئېللېر، مىسىرلىق پۇتبولچى مۇھەممەد سالاھ، ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ رەپىقىسى مىچېل ئوبامامۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى.


خەتكۈچ: #تايم , #مەشھۇر , #100

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر