سەئۇدى ئەرەبىستان G20 يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ

سەئۇدى ئەرەبىستان 2020-يىلى نويابىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان G20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ.

1185759
سەئۇدى ئەرەبىستان G20 يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان «SPA» ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 15-نۆۋەتلىك G20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنى 2020-يىلى 21-22-نويابىر كۈنلىرى پايتەخت رىيادتا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

بىلدۈرۈلىشىچە، يىغىن «ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، كۈنتەرتىپتىكى ىەلقئارالىق ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە ئورتاق ھەل قىلىش چارىسى تېپىشنى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملىققا ئىگە قىلىشنى» قىلىدىكەن.

G20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر ئەرەب دۆلىتىدە ئېچىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن خەۋەردە، يىغىننىڭ، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، ئېنېرگىيە، كىلىمات، سودا ۋە يېزا ئىگىلىك ساھەلىرىدىكى بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىغا ئىگە G20 دۆلەتلىرى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ %85 نى، دۇنيا سودىسىنىڭ %75 نى ئىگىلەيدۇ. G20 دۆلەت گۇرۇھىغا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، كانادا، جەنۇبىي كورېيە، ھىندىستان، ئارگېنتىنا، ئاۋستىرالىيە، بىرازىلىيە، رۇسىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، خىتاي، ھىندونېزىيە، مېكسىكا، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن باشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئەزا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر