پاكىستاندا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
پاكىستاندا قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپەتلىرىدە 39 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، كۆپ ساندا كىشى يارىلاندى.
1185174
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان خەيبەر – پەختۇنخىۋا ۋە غەربىي جەنۇبغا جايلاشقان بەلۇجىستان ئۆلكلىرىدە يېقىنقى ئىككى كۈن ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن سۇ ئاپەتلىرىدە 39 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا كىشى يارىلانغان، كۆپلىگەن ئۆي - ماكان ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان، بەزى ئۆيلەر پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان.
مېتېئرولوگىيە دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، قارا يامغۇرنىڭ يەنە ئىككى كۈن داۋاملىشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.