زەرىف دەمەشىقتە زىيارەتتە بولدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، سۈرىيەدىكى تۈزۈمنىڭ رەھبىرى بەششار ئەسەد بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن دەمەشىقتە زىيارەتتە بولدى.

1184460
زەرىف دەمەشىقتە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىرنانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەسەدنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن دەمەشىكە بارغان زەرىف، دەمەشىق ئايرودۇرۇمىدا ھاكىمىيەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى فەيسال مىقداد تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى.

زەرىف تېھران ئايرودۇرۇمىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدا ماسلىشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنى ئىجرا قىلىش مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىش ئۈچۈن سۈرىيەدە زىيارەتتە بولىمەن. مۇشۇ نىشانلارنى چۆرىدىگەن ھالدا تۈركىيەدىمۇ زىيارەتتە بولىمەن» دېدى.

زەرىفنىڭ بىر كۈنلۈك دەمەشىق زىيارىتى جەريانىدا ئەسەد بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۈرىيەدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن تۈركىيەگە كېلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر