ئالېكساندر لۇكاشېنكو بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ

بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندر لۇكاشېنكو جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1183970
ئالېكساندر لۇكاشېنكو بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زىيارەت جەريانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشلاردا تۈركىيە بىلەن بېلارۇسىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەرجەھەتتىن كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش يولىدا تاشلاشقا بولىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

ئۇچرىشىشلاردا يەنە، رايون ۋە خەلقئارادىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى تەخمىن قىلىنماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە مۇھىم كۈچ بېغىشلايدىغان ھەر خىل كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىشىمۇ كۈتۈلۈۋاتقان زىيارەت مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە – بېلارۇسىيە سودا مۇنبىرى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىمۇ پىلانلانماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر