جېفرىي: تۈركىيە بىلەن ي پ گ بولمىغان بىر بىخەتەر رايون تەسىس قىلىش توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتىمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمس جېفرېي، تۈركىيەنىڭ مۇھىم خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

1184242
جېفرىي: تۈركىيە بىلەن ي پ گ بولمىغان بىر بىخەتەر رايون تەسىس قىلىش توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمس جېفرېي، تۈركىيەنىڭ مۇھىم خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تۈركىيە بىلەن (بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ داۋامى) ي پ گ بولمىغان بىر بىخەتەر رايون تەسىس قىلىش توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتىمىز» دېدى.

جېيمس جېفرېي، تۈركىيە – ئامېرىكا سودا كېڭىشى بىلەن ئامېرىكا – تۈركىيە كېڭىشىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا بۇ يىل 37 – نۆۋەتلىكى چاقىرىلغان ئورتاق يىللىق يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۆتمۈشتىمۇ، ھازىرمۇ ناھايىتى مۇھىم گېئو-ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىكى بار» دېدى.

سۈرىيەدىكى كىرىزىسنىڭ ناھايىتى مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن جېفرىي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى نىشانىغا يېتىشى نۇقتىسىدىن تۈركىيەنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ، سۈرىيەدىكى سىياسىي مۇساپىگە ئالاقىدار قىلىنىشى كېرەك بولغان ناھايىتى كۆپ ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئەسەد ھاكىمىيىتى، خىمىيەلىك ۋە يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك. سۈرىيە ، تېررورچىلارغا نىسبەتەن بىر پاناھگاھ بولماسلىقى ۋە ئۇ يەردىكى ئىرانلىقلار يۇرتلىرىغا قايتىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جېيمس جېفرېي، «تۈركىيە بىلەن ھازىرچە تولۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلىنالمىغان بىر بىخەتەر رايون توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتىمىز. تۈركىيەنىڭ ناھايىتى مۇھىم خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرى بار. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، تۈركىيەنىڭ بىز دائېشقا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلغان كىشىلەر (ي پ گ / پ ك ك) گە ئالاقىدار ئەندىشىلىرىنىمۇ چۈشىنىمىز. تۈركىيە بىلەن ي پ گ ئىشتىراك قىلمايدىغان بىر بىخەتەر رايون تەسىس قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر