فىرانسىيەدە جامەلەرگە ئىسلامغا قارشى خەتلەر يېزىپ قويۇلدى

فىرانسىيەنىڭ رېننېس شەھىرىدە ئۈچ جامەنىڭ تېمىغا ئىسلامغا قارشى خەتلەر يېزىپ قويۇلدى.

1184461
فىرانسىيەدە جامەلەرگە ئىسلامغا قارشى خەتلەر يېزىپ قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئىسلام كېڭىشىگە قاراشلىق برېتاگنې رايونلۇق ئىسلام كېڭىشى بۇ ھەقتە سوتقا ئەرز سۇنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئىسلام كېڭىشى قارىمىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئىسلام دۈشمەنلىكى ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ زەكرى، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئۇدا 8 يىلدىن بۇيان بۇ ۋەزىپىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىمەن، فىرانسىيەدە قاچان سايلام ئۆتكۈزۈلسە، شۇ چاغدا مۇسۇلمانلارغا قارشى ھۇجۇملار كۆپىيىپ كېتىدۇ، جۈملىدىن سايلاملار يېقىنلاشقان چاغدا فىرانسىيەدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ جاۋابكارلىقى ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ئارتىپ قويۇلىدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، فىرانسىيەدە خەلق ياۋروپا پارلامېنتى سايلاملىرى ئۈچۈن 26 – ماي كۈنى بېلەت تاشلايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر