گانادا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

گانادا قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتىدە 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1183834
گانادا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گانا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پايتەخت ئاككراغا جايلاشقان ئادجېي – كوجو رايونىدا ئۇدا ئىككى كۈندىن بۇيان يېغىۋاتقان قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ  ئاپىتىدە 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن كىشى يوقاپ كەتكەن.

جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى باياناتچىسى جورج ئايىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپەتتىن كېيىن رايوندا ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئاپەت جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر