ئۇلترا ئوتودوكس يەھۇدىيلىرى ئىسىرائىلىيەنى تەنقىد قىلدى

ئىسىرائىلىيە دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوبۇل قىلمايدىغان مىڭلارچە ئۇلترا ئورتودوكس يەھۇدىيلىرى، ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە بىر يەرگە توپلاندى.

1182005
ئۇلترا ئوتودوكس يەھۇدىيلىرى ئىسىرائىلىيەنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەر ياشتىكى يەھۇدىيلار كۋىنس رايونىدىكى ئارسۇر ئاش (Arthur Ashe) تەنتەربىيە زالىنى لىق توشقۇزدى ۋە بىر خىل رەڭ شۇنداقلا ئوخشاش پوسۇندىكى كىيىملىرى بىلەن غەلىتە مەنزىرە پەيدا قىلدى. پىروگراممىدا يەھۇدىي جەمئىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى سۆز قىلىپ، ئىسىرائىلىيەنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

بۇ كېچىلىك پائالىيەتنى تەشكىللىگەن برۇكلىن (Brooklyn) رايونلۇق جامائەتنىڭ رەھبەرلىرىدىن چىم لېفكوۋىتس (Chim Lefkowits) سۆزىدە، يېقىنقى يىللاردا ئىسىرائىلىيە دۆلىتىنىڭ، دىنىي تەلىملەرگە قارشى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى خالىمايدىغان ئۇلترا ئورتودوكس يەھۇدىيلىرىنى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىشتا بېسىم قىلىشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىسىرائىلىيە دۆلىتىنى دىنىي نۇقتىدىن قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرى ئۈچۈن ھەر قانداق تەشكىل ئىچىدىن ئورۇن ئېلىشنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسىرائىلىيە دۆلىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مائارىپ ئورگانلىرىغا قىلغان يۈز مىليونلارچە دوللارلىق ياردىمىنى چىرايلىقچە رەت قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ھازىر جامائىتىنىڭ ئىسىرائىلىيەدىكى مەكتەپلىرىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش ئۈچۈن دۇنيا مىقياسىدا ياردەم سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى باشلىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى:

«بۇ كېچە بۇ يەردە ئىسىرائىلىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىقلىرىمىزنى نامايان قىلىش ۋە ئورگانلىرىغا ماددىي ياردەم قىلىش ئۈچۈن توپلاندۇق. ئۇلترا ئورتودوكس يەھۇدىي جامائىتىنىڭ مۇھىم قىسمى بۇ ھەپتە ئىسىرائىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنى بايقۇت قىلدى. ئىسىرائىلىيە دۆلىتىنىڭ ھەر قانداق مۇساپىسىدىن ئورۇن ئېلىشنى خالىمايمىز. سىيونىزمغا قارشى بولغان بىز بىلەن سىيونىست ئىسىرائىلىيە قوللىغۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ غەۋغا، ئونلارچە يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتىدۇ. تەۋراتنىڭ ھەقىقىي تەلىملىرىگە بويسۇنىدىغان ئۇلترا ئورتودوكس يەھۇدىيلىرى، يەھۇدىي دىنىنىڭ مىللىيەتچى ياكى ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان مەزمۇنغا ئىگە دۆلەت شەكلىگە قارشى تۇرىدۇ.»

ئۇ مۇقەددەس زېمىنلاردا ئىسىرائىلىيە دۆلىتىگە ئوخشاش بىر تەشكىلىي قۇرۇلما ياكى يەھۇدىي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بولماسلىقى كېرەكلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «ئومۇمىي جەھەتتىن ئىسىرائىلىيە دۆلىتىگە قارشىمىز، بىراق بۇ سايلاملاردىن ئاشقۇن ئوڭچى بىر ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا چىقىدىغاندەك مەنزىرەنىڭ كۆرۈنۈشى ۋە گولان ئېگىزلىكىدىن كېيىن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى قوشۇۋېلىش توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەرنىڭ چىقىشى، كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدۇ» دېدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن پەلەستىندە ئەۋلادىن ئەۋلادقا باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىنچلىق ئىچىدە ياشاپ كەلگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭمۇ يەھۇدىيلار نامىدىن گەپ قىلىشتىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر