فىرانسىيەدە نامايىش ئۆتكۈزۈش چەكلەندى

فىرانسىيەدە «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» دەپ ئاتالغان نامايىشچى گۇرۇپپالارنىڭ شەنبە كۈنى ئېلىس كوچىسىدا ۋە لىللې شەھەر مەركىزىدە نامايىش ئۆتكۈزۈشى چەكلەندى.

1182348
فىرانسىيەدە نامايىش ئۆتكۈزۈش چەكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارىژ ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» نىڭ شەنبە كۈنى كامپس – ئېلىس كوچىسى ۋە ئەتراپىدا نامايىش ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان بولۇپ، نامايىشچىلارنىڭ مىللىي مەجلىس ۋە ئېلىس سارىيى ئەتراپىغا يېقىنلىشىشىغۇ يول قويۇلمايدىكەن.

لىللې ۋالىي مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» نىڭ يېقىنقى ھەپتىلەردىن بۇيان شەھەردە ئۆتكۈزۈۋاتقان نامايىشلىرىدا كۆپ ساندا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى، شۇ سەۋەبتىن، شەنبە كۈنى شەھەر مەركىزىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت بېرىلمىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

فىرانسىيە دائىرىلىرى نامايىشلاردىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدىنقى ھەپتىلەردىمۇ بوردوكس، تولوس، ئاۋىگنون، روئېن قاتارلىق شەھەرلەردە نامايىش ئۆتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلمىغانىدى.

دەسلەپتە، بېنزىن باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ياماملىشىپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە باشلانغان بولسىمۇ، بىراق كېيىنچە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلارغا ئايلىنىپ كەتكەن «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» ھەرىكىتى، 2018 – يىلى 17 – نويابىردىن بۇيان داۋاملاشماقتا.

رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نامايىشلاردا ھازىرغىچە 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان، 8 مىڭ 400 دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىنغان، مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر