ئابدۇل مۆمىن: ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن بىخەتەر رايون قۇرۇلۇشىغا ئامېرىكا ياردەم قىلسۇن

باڭلادېش بىرمادىكى زۇلۇم ۋە بېسىملاردىن قېچىپ پاناھلىنىۋاتقان ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن بىخەتەر رايون قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى.

1180733
ئابدۇل مۆمىن: ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن بىخەتەر رايون قۇرۇلۇشىغا ئامېرىكا ياردەم قىلسۇن

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادېش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇل مۆمىن ئالدىنقى كۈنى ۋاشىنگىتوندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو بىلەن كۆرۈشتى.

ئابدۇل مۆمىن مايك پومپېئو بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، باڭلادېشنىڭ ئاراكانلىق پاناھلانغۇچىلار ئۈچۈن ئۆز ئىمكانىيىتىگە تايىنىپ «باشان چار ئارىلى» نى ياشىغىلى بولىدىغان بىر جايغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى، دەسلەپكى باسقۇچتا ب د ت ۋە باشقا ياردەم ئورگانلىرىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن 100 مىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلماننى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئابدۇل مۆمىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىخەتەر رايون قۇرۇلۇشى ۋە بۇ پاناھلانغۇچىلارنىڭ بىرماغا قايتىشىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشى ئۈچۈن خەلقئارالىق بېسىم ئىشلىتىش جەھەتتە ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېئومۇ مەجبۇر يۈتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان 1 مىليوندىن ئارتۇق بىرما پۇقرالىرىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراشتىن ئەنسىرىمەي بىرماغا قايتالايدىغان مۇھىت يارىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. 

پومپېئو بىرما ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيەسىنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ يۈرتلىرىغا قايتالىشى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلالايدىغان شارائىت يارىتىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر