مالىدا كېمە قازاسى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى
مالىدا يولۇچىلار ئولتۇرغان كېمىنىڭ كۆمتۈرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1180304
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالىنىڭ مەركىزىدىكى ساراكالا رايونى ئەتراپىغا جايلاشقان «نىگېر دەرياسى» دا يولۇچىلار ئولتۇرغان ۋە تۈك – تاقلار بېسىلغان كېمىنىڭ كۆمتۈرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 6 كىشى يارىلانغان.
بۇلتۇر ئۆكتەبىر ئېيىدىمۇ تىمبۇكتۇ رايونىدا ئىككى كېمە «نىگېر دەرياسى» دا كېتىۋاتقاندا كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپ، 26 كىشى قازا قىلغانىدى.