رۇھانىي ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇقنى بىر ۋاستە سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىي ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تېررورلۇقنى بىر ۋاستە سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش رەھبىرىگە پاناھلىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

1179789
رۇھانىي ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇقنى بىر ۋاستە سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەشەن رۇھانىي پايتەخت تېھراندا دۆلەتلىك يادرو نېخنىكا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچى ئارمىيەسىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئېلان قىلىشىنىڭ خاتالىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«مۇتەكەببىر دۇنيا كۈچلىرى ۋە ئامېرىكا ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچى ئارمىيەسىنى تېررورچى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئىراننىڭ ئالدىدا يېڭىلگەنلىكىنىڭ ۋە نەپرىتىنىڭ ئورنىنى تولدۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ.  بۇ خاتالىق ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچى ئارمىيەسىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. ئامېرىكا دائېش رەھبىرىگە پاناھلىنىش ئىنمكانىيتى يارىتىپ بەرگەن بولسا، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچى ئارمىيەسى ئىراق ۋە سۇرىيەدە ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلماقتا»

ھەسەن رۇھانىي ئىرانغا تەۋە يولۇچى ئايروپىلانىنىڭ 1988يىلى ئامېرىكا تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «يەر شارى خاراكتېرلىق تېررورلۇقنىڭ باشلامچىلىقىنى سىلەر قىلىۋاتىسىلەر. پارىس قولتۇقىدا ئىران يولۇچى ئايروپىلانىنى 1988يىلى قايسى كۈچلەر ئېتىپ چۈشۈرىۋەتكەن ئىدى؟ ئىران خەلقى ۋە مەسئۇللىرىنى قانغا بوياش ئۈچۈن تېررورچى گۇرۇپپىلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ئۇلارنى پارتلاتقۇچ ماددىلار بىلەن تەمىنلىگەنلەر ئەمدىلىكتە ئېراننى قورچاق ھاكىمىيىەت دەۋرىگە ياندۇرۇشنى ئارز قىلىشماقتا» دېدى.

ئامېرىكىنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چېكىنىپ چىققان يادرو كېلىشىمىدىكى باشقا تەرەپ دۆلەتلەرنىڭمۇ مەسۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمىغاندا كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتسە بولىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن رۇھانىي: «سەۋىر قىلىۋاتىمىز، بىراق سەۋرىمىزنىڭمۇ چېكى بار. سەۋرىمىز ئاجىزلىقىمىز ئەمەس، تەدبىرلەر رايونىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈندۇر. ئىران بۇ جەھەتتە باشقىچەرەك بىر قەدەمنى تاشلىشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر بىزنى زورلايدىغان بولساڭلار يۇقىرى تېخنىكىلىق "centrifugal IR8" (يەنى ئاتوم سۈيۈقلاندۇرۇش ماشىنىشى) نى سىجىل ئىشلەپچىقىرشنى باشلىشىمىز مۇمكىن.»

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر