لىۋىيەدە ھۆكۈمەت كۈچلىرى پايتەختتىكى بەزى جايلارنىڭ كونتروللۇقىنى قايتۇرۇۋالدى

لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى، پايتەخت تىرابلۇستىكى بەزى جايلارنىڭ كونتروللۇقىنى قايتىدىن قولىغا ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1179719
لىۋىيەدە ھۆكۈمەت كۈچلىرى پايتەختتىكى بەزى جايلارنىڭ كونتروللۇقىنى قايتۇرۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان «غەزەپ ۋولقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورىدىكى ئادرېسىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خەلىفە ھافتەرگە قاراشلىق كۈچلەرنىڭ تىرابلۇس ۋە باشقا شەھەرلەرگە شەرق تەرەپتىن قىلغان ھۇجۇمىنىڭ تارمار قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى قىسىملىرىنىڭ تىرابلۇسنىڭ جەنۇبىدىكى يەرمۇك ۋە شەرقىدىكى ئەسسەمارىخ ھەربىي بازىلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى قىسىملىرىنىڭ نۆۋەتتە «ئىسيانچىلارنىڭ قالدۇقلىرى» دەپ ئاتاۋاتقان ھافتەر كۈچلىرىگە قوغلاپ زەربە بېرىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ جەرياندا خەلىفە ھافتەر كۈچلىرىگە تەۋە ئايروپىلانلارنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، پايتەخت تىرابلۇستىكى مىتىگا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئاۋىياتسىيە قاتنىشى توختىتىلدى.

مىتىگا ئايرودۇرۇمى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى مەسئۇلى خالىد بۇغەرسە، ئايرودۇرۇمدىكى يولۇچىلارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ۋە قاتناشنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلىفە ھافتەر كۈچلىرىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۈنۈگۈن پايتەخت تىرابلۇستىكى بىردىنبىر ئاممىۋى ئايرودۇرۇم مىتىگاغا تۇنجى قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانىدى.

لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى قىسىملىرى، پايتەخت تىرابلۇسنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن پەيشەنبە كۈنى ھۇجۇمغا ئۆتكەن ئىسيانچى گېنېرال خەلىفە ھافتەر كۈچلىرىگە قارشى ئالدىنقى كۈنى ھەرىكەتكە ئۆتكەنىدى.

مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى سەھىيە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، تىرابلۇستىكى توقۇنۇشلاردا 21 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 27 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.


خەتكۈچ: #لىۋىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر