دۇتېرتە: خىتاي كېمىلىرىگە قارشى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەزىپىسى بىلەن ئەسكەر يوللايمەن

فىلىپپىن پىرېزىدېنتى رودرىگو دۇتېرتە خىتايغا قارىتا «ئۆتۈنۈپ يالۋۇرۇپ يۈرمەيمەن، سىزگە پەقەت پاگ ئاسا ئارالىدىن ئۇزاق تۇرىشىڭىزنى، چۈنكى ئۇ يەردە ئەسكەرلىرىمنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ قويماقچىمەن» دېدى.

1178099
دۇتېرتە: خىتاي كېمىلىرىگە قارشى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەزىپىسى بىلەن ئەسكەر يوللايمەن

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىن پىرېزىدېنتى رودرىگو دۇتېرتە دىتۇ ئارالى ئەتراپىدا يانۋار ئېيىدىن مارت ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە، 275 ئەتراپىدا خىتاي كېمىلىرىنىڭ كۆرۈنگەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ، خىتايغا تەھدىت سالدى ۋە ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش تارتىشلىق ئاراللار مەسلىسىدە بەك مەجبۇرلايدىغان ئىشلارنى قىلسا، رايونغا ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ۋەزىپىسى بىلەن ئەسكەر يوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

دۇتېرتە ئاز دېگەندىمۇ 200 خىتاي كېمىسىنىڭ سىپارلىي تاقىم ئاراللىرىدا، فىلىپپىن «پاگ - ئاسا» دەپ ئاتايدىغان دىتۇ ئاراللىرى ئەتراپىدا، كۆرۈلگەندىن كېيىنكى باياناتىدا، «كېلىڭ دوست بولايلى! بىراق پاگ - ئاسا ئارىلى ۋە باشقا ئاراللارغا قول تەككۈزۈپ سالماڭ! ئۇ يەرگە بۇرۇلسىڭىز، بۇ باشقىچە بىر ھېكايىگە ئايلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئەسكەرلىرىمنى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا بۇيرۇيمەن» دېدى.

دۇتېرتە بۇ سۆزلىرىنىڭ بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئەمەس، دوستانە تەۋسىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ئۆتۈنۈپ، يالۋۇرۇپ يۈرمەيمەن، سىزگە پەقەت پاگ - ئاسا ئارالىدىن ئۇزاق تۇرىشىڭىزنى، چۈنكى ئۇ يەردە ئەسكەرلىرىمنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ قويماقچىمەن» دېدى.

فىلىپپىن پىرېزىدېنتلىق باياناتچىسى سالۋادور پانېلو مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئاخباراتچىلارغا ئېلان قىلغان باياناتىدا، دىتۇ ئارالى ئەتراپىدا يانۋار ئېيىدىن مارت ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە 275 ئەتراپىدا خىتاي كېمىلىرىنىڭ كۆرۈنگەنلىكىنى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭمۇ بۇ ئەھۋالغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ھەمدە فىلىپپىنلىق بىر دپلوماتىيە خادىمى خىتاي باش ئەلچىخانىسىغا دىپلوماتىك نوتا تاپشۇرغان ئىدى.

فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش تارتىشلىق ئارالغا يېقىن جايدا خىتاي كېمىلىرىنىڭ كۆرىنىشىنىڭ قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خىتاي 1974يىلى ئۆزى ئېلان قىلغان بىر خەرىتىنى ئاساس قىلىپ، تالاش تارتىشلىق جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ %80 نىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

خىتاي يەر ئاستى بايلىقىنىڭ موللىقى بىلەن تونۇلغان بۇ رايون ئۈستىدە فىلىپپىن، ۋىيېتنام، بىرۇناي ۋە مالايشىيا قاتارلىق خوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش – تارتىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا. 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا سۇنئىي ئارال ۋە ئاراللارنىڭ ئۈستىگە ھەربىي بازىلارنى ياساپ، رايوندا ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىشىگە رايوندىكى دۆلەتلەردىن باشقا يەنە، ئامېرىكىمۇ قارشى چىقماقتا.

خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىن «پاراچال» ۋە «سىپراتلىي» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ تاقىم ئاراللىرى ۋىيېتنام تەرىپىدىن «خوڭسا» ۋە «تىروڭسا» دەپ ئاتىلىدۇ.  خىتاي بولسا، بۇ ئاراللارنى «شىشا» ۋە «نەنشا چۈنداۋ» دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر