بىرازىلىيەدىكى بانكا بولاش ۋەقەسىگە ئارىلاشقان گۇماندارلارنىڭ بىر قىسمى ئۆلتۈرۈلدى

بىرازىلىيەنىڭ ساۋ پاۋلو ئۆلكىسىدىكى ئىككى بانكىدا يۈز بەرگەن بولاڭچىلىق ۋەقەسى جەريانىدا 11 گۇماندار ئۆلتۈرۈلدى.

1177872
بىرازىلىيەدىكى بانكا بولاش ۋەقەسىگە ئارىلاشقان گۇماندارلارنىڭ بىر قىسمى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسى بايانات بېرىپ، قوراللىق 25 كىشىنىڭ گۇارارېما شەھىرىدىكى ئىككى بانكىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ۋە نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار بىلەن بولاڭچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەدە 11 گۇماندارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 3 گۇماندارنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ساقچىلار توقۇنۇشتىن كېيىن كۆپ ساندا قورال، تاپانچا ۋە پارتلاتقۇچنى قولغا چۈشۈردى.

توقۇنۇش ئەسناسىدا گۇماندارلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ساۋ پاۋلو ۋالىيسى قوئاۋ دورىئا، ساقچىلارغا بولاڭچىلىق ھەرىكىتىنى غەلىبىلىك باستۇرغانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر