ئال سانى پارىس قولتۇقى كىرىزىسى ئۈستىدە توختالدى

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد ئال سانى پارىس قولتۇقى كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى مۇزاكىرە ئۈستىلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1176152
ئال سانى پارىس قولتۇقى كىرىزىسى ئۈستىدە توختالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «QNA» نىڭ خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئال سانى پايتەخت دوھادىكى گېئورگى توۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەت بولغان ۋە زىيارەت جەريانىدا قىلغان سۆزىدە، قاتارغا ناھەق تېڭىلىۋاتقان بۇ ئېمبارگونىڭ رايوندا گىئو پولىكتىكىلىق بىر ئۆزگىرىشنىڭ نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پارىس قولتۇقى كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى مۇزاكىرە ئۈستىلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئالسانى، خەلقنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن قوشقان ھەسسەلىرىنى ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئوينىغان رولىنى مەدھىيەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە مىسىر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ 5ئىيۇندا قاتار بىلەن دىپلۇماتىك مۇناسۋەتلىرىنى كېسىپ تاشلىشى سەۋەبىدىن پارىس قولتۇقى كىرىزىسى پەيدا بولغان ئىدى. 


خەتكۈچ: #ئە سانى , #قاتار

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر