ھاماس ئەسىرگە ئېلىنغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ھەققىدە ۋىدېئو ئېلان قىلدى

ھاماس 2006 – يىلى ئەسىرگە ئېلىنغان 1 نەپەر ئىسرائىلىيە ئەسكىرى گىلاد شالىتنىڭ بەدىلىگە 1027 نەپەر پەلەستىنلىك مەھبۇسنى تۈرمىدىن قۇتقۇزغان ئىدى.

1176258
ھاماس ئەسىرگە ئېلىنغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ھەققىدە ۋىدېئو ئېلان قىلدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس قولىدىكى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن شەرت سۈپىتىدە، ئىلگىرى ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق قويۇپ بېرىلگەن، بىراق كېيىن قايتىدىن قولغا ئېلىنغان پەلەستىنلىكلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەب قىلماقتا.

ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىززىدىن ئەل قاسسام ئەترىتى ئەسىرگە ئېلىنغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە ئالاقىدار بىر ناخشا ۋىدېئوسى ئېلان قىلدى.

ئىززىدىن ئەل قاسسام ئەترىتىنىڭ رەسمىي ئىنتىرنېت بېتىدە ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان ئىبرانىچە ناخشا ۋىدېئوسى «ئەسىرلەردىن ئۇچۇر» دېگەن سەرلەۋھە بىلەن ئېلان قىلىندى.

ناخشىدا مۇنداق دېيىلىدۇ:

«دۆلەت ئۈچۈن نۇرغۇن ئىش قىلدىم. يىللارغىچە ئاسارەت ئاستىدا ئەقلىمدىن ئازدىم. دۆلەت ماڭا ۋە ئەسكەرلىرىگە قارىتا ۋەزىپىسنى ئورۇندامدۇ، يوق؟ كۆز ياشلاردىن بىر دېڭىز كۆزلىرىمنى تولدۇردى. قەلبىم يارىدەم تەلەب قىلىدۇ. مانا ماڭا قاراڭلار ماڭا. ئاسارەت ئاستىدا ئانامدىن سورايمەن؛ ئەركىنلىككە چىقالارمەنمۇ؟»

ئەسىر ئېلىنغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن بۇ ۋىدېئوغا دائىر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن تېخىچە بىرەر بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

ھاماس بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بىر قاچىلىغان باياتلىرىدا ئىسرائىلىيەنىڭ قولىدىكى پەلەستىنلىكلەر قويۇپ بېرىلمەي تۇرۇپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش مۇزاكىرىسى ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىززىدىن ئەل قاسسام ئەترىتى 2016يىلى ئاپرىلدا قول ئىلكىدە 4 نەپەر ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بارلىقىنى ئېلان قىلغان بىراق ئەسكەرلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە دەسلەپتە مەزكۇر ئەسكەرلەر ئارىسىدىكى ھادار گولدىن ۋە ئورۇن شۇئالنىڭ 2014يىلىدىكى غەزە ئۇرۇشىدا ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 2017يىلى ئىيۇندا، ئەسكەرلەرنىڭ ئەھۋالىنى «يوقۇلۇپ كەتكەن ۋە ئەسىرگە ئېلىنغان» دەپ ئۆزگەرتكەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە تەرەپ يەنە، تېگى ئېفىئوپىيەلىك ئاۋېرا مېڭگىستۇ بىلەن تېگى ئەرەب 2 پۇقراسىنىڭمۇ غەززەدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ھاماس قولىدىكى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن شەرت سۈپىتىدە، ئىلگىرى ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق قويۇپ بېرىلگەن، بىراق كېيىن قايتىدىن قولغا ئېلىنغان پەلەستىنلىكلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەب قىلماقتا.

ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا 2011يىل 18ئۆكتەبىردە تۈزۈلگە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئارقىلىق 2006يىلى ئەسىرگە ئېلىنغان ئىسرائىلىيە ئەسكىرى گىلاد شالىتنىڭ بەدىلىگە 1027 پەلەستىنلىك مەھبۇسنى قويۇپ بەرگەن ئىدى.  

ھاماس سىياسىي بېيرۇسى باشلىق ئىسمائىل ھەنىييە ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ شارائىتىلىرىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن مىسىرنىڭ مۇرەسسەچىلىكى بىلەن ئىسرائىلىيەگە 3 تەلەپ سۇنغانلىقىنى ئېيتتى.

ھەنىييە ئىسرائىلىيە قورشاۋى ئاستىدىكى غەززە شەھىرىدە يازغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ يىغىندىكى سۆزىدە، «تەرىپىمىزدىن مىسىر بىخەتەرلىك ھەيئىتىگە مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىغا ئالاقىدار تاپشۇرغان 3 تەلىپىمىز بولدى. 1- تۈرمىلەردىكى تېلېفون سىگناللارنى توسقۇچى سىستېما ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى لازىم. 2ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىندىن بۇيان پەلەستىنلىك مەھبۇسلارغا بەرگەن جازالىرى تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى لازىم. 3 - مەھبۇسلارنىڭ غۇرۇرى بىلەن ھايات كەچۈرىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىشى لازىم» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر