دۇنفورد: تۈركىيە بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن

ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى جوسېف دۇنفور، تۈركىيەنىڭ س-400 سېتىۋېلىشىغا ئالاقىدار مۇزاكىرىلەردىن تېخى ۋاز كەچمىدۇق، دېدى.

1176433
دۇنفورد: تۈركىيە بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن
Partick Shanahan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى جوسېف دۇنفور، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن سېتىۋالىدىغان س-400 لەرنى چۆرىدىگەن ھالدا دۆلىتى بىلەن داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان مۇزاكىرىلەر توغرىسىدا توختىلىپ، «تۈركىيە بىلەن بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

گېنېرال - پولكوۋنىك جوسېف دۇنفورد، جەنۇبىي كورېيە مۇداپىئە مىنىستىرى جېئوڭ كيېئوڭدو بىلەن پېنتاگوندا كۆرۈشتى.

پېنتاگوندا مۇخبىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن دۇنفورد، تۈركىيەنىڭ س-400 سېتىۋېلىشىغا ئالاقىدار مۇزاكىرىلەر توغرىسىدىكى بىر سوئالغا «بۇ مەسىلىگە بىر چارە تېپىشتىن تېىى ۋاز كەچمىدۇق» دېدى.

تۈركىيەگە ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىپ بېرىش تەكلىپىنى سۇنغانلىقلىرىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن دۇنفورد، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «سىلەرگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ ناھايىتى مۇرەككەپ بىر مەسىلە؛ س-400 لەر ۋە ف-35 لەر مەسىلىسى. بۇلارنىڭ بىر – بىرىگە ماس سىستېمىلار ئەمەسلىكىنى روشەن ئەسكەرتتۇق. بىراق ھازىرمۇ ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز ۋە تۈركىيە بىلەن بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. قىسقى، تېخى ۋاز كەچمىدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى پاترىك شاناھانمۇ، پېنتاگوندا مۇخبىرلارنىڭ تۈركىيە تاپشۇرۇۋېلىشنى پىلانلاۋاقان لۇكې ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىدىكى ف-35 لەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «( ف-35) ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇلۇشىنى كۈتۈۋاتىمەن. بىزنىڭ تۈركىيەگە سۇنغان ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىپ بېرىش تەكلىپىگە، باھاسىغا ۋە ئەڭ مۇھىم ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بىلەن بىرلىكتە تەمىنلىنىدىغان سانائەت مەھسۇلاتلىرى تەكلىپىگە ئىشىنىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر