ئەشرەف غېنى زالماي خەلىلزادنى قوبۇل قىلدى

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خەلىلزاد بىلەن كۆرۈشتى.

1175673
ئەشرەف غېنى زالماي خەلىلزادنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، غەنىنىڭ ئالتىنچى قېتىملىق تىنچلىق سۆھبىتى ساياھىتى دائىرىسىدە پايتەخت كابۇلغا كەلگەن زالماي خەلىلزاد بىلەن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇچرىشىشتا، تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا ئىشلەنگەن خىزمەتلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ئۇچرىشىشلارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

زالماي خەلىلزاد ئالتىنچى قېتىملىق تىنچلىق سۆھبىتى ساياھىتى دائىرىسىدە تۈنۈگۈن كابۇلدا ئافغانىستان ئالىي تىنچلىق شۇراسى (كېڭىشى) باش كاتىپى مۇھەممەد ئۆمەر داۋۇتزەي، تىنچلىق سۆھبىتى ھەيئىتى ۋە ئاياللار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتكە كۈچلۈك خەۋپ شەكىللەندۈرۈۋاتقان تالىبان تەشكىلاتى، ھازىرمۇ دۆلەتنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بەزى جايلىرى تالىباننىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئافغانىستان ئېغىر خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

ھۆكۈمەت ئۆتكەن بىر قانچە يىل ئىچىدە تالىبان بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ۋە بۇ دائىرىدە تىنچلىق كېڭىشى قۇرغان بولۇشىغا قارىماي، بىرەر ئۈنۈم ھاسىل قىلىنالمىدى.

سابىق پىرېزىدېنت ھامىد كارزائى مەزگىلىدە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ئارىسىدىكى ئۇچرىشىشلارنىڭ قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا 2013 – يىلى ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغانىدى، بىراق، تالىباننىڭ ئىشخانىسىغا «ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى» دېگەن ۋىۋىسكا بىلەن ئاتالمىش بايرىقىنى ئېسىشىدىن كېيىن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى سۆھبەتتىن ۋاز كەچكەنىدى. ئىشخانا ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن تاقىلىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن تىنچلىق سۆھبەتلىرىمۇ توختاپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر