تېھران: ئامېرىكا ئېمبارگوسى تېھراننىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم قىلىشىغا توسالغۇ بولدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئامېرىكا ئېمبارگوسىنىڭ، دۆلەتتىكى سۇ ئاپىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان رايونلارغا يېتەرلىك دەرىجىدە ياردەم ئەشيالىرىنىڭ يەتكۈزۈلەلمەسلىكىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1175214
تېھران: ئامېرىكا ئېمبارگوسى تېھراننىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم قىلىشىغا توسالغۇ بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئىران قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ سۇ ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا ياردەم يەتكۈزۈشتە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلدى ۋە بۇ دائىرىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگوسىنى ئەيىبلىدى.

زەرىف، ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈۋاتقان ئامېرىكىنىڭ پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى قاتتىق ئەيىبلەپ، «ترامپنىڭ ئەڭ ئېغىر ئېمبارگو يۈرگۈزۈش سىياسىتى، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2231 – نومۇرلۇق ھۆججىتى ۋە خەلقئارا ئەدلىيە دىۋانىنىڭ ھۆكۈمىگە روشەن خىلاپتۇر. ئامېرىكا ئېمبارگولىرى، ئىران قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن سۇ ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغان رايونلارغا ياردەم يەتكۈزۈپ بېرىشىگە توسالغۇ بولدى. جىددىي ياردەم تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىنىڭ سېتىشىغا ئېمبارگو قويۇلۇشى بۇ ئەھۋالغا بىر مىسالدۇر. بۇ پەقەت بىر ئىقتىسادىي ئۇرۇش ئەمەس، ئوخشاشلا ئىقتىسادىي تېررورىزمدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىراندا ئىككى ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك ھۆل – يېغىن پەيدا قىلغان سۇ ئاپىتىدە 44 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغانىدى.

گۈلىستان ئۆلكىسى ۋالىيسى مەناف ھاشىمىنىڭ سۇ ئاپىتى ئەسناسىدا تەتىلگە چىقىپ كېتىشى ئىراندا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان، ۋە بۇ ئىش ھاشىمىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى بىلەن ئاخىرلاشقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر