پاكىستان - ھىندسىتان چېگراسى يەنە بىر مەيدان سۈركىلىشكە سەھنە بولدى

ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ كەشمىر كونترول لىنيەسىدە ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە 4 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1175774
پاكىستان - ھىندسىتان چېگراسى يەنە بىر مەيدان سۈركىلىشكە سەھنە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ،، ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ كەشمىر كونترول لىنىيەسىنىڭ پاكىستان تەرىپىدىكى راخچاكرى چېگرا بازىرىغا جايلاشقان ھەربىي رايونغا ئوق چىقىرىش نەتىجىسىدە 3 پاكىستان ئەسكىرىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بىر ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، پاكىستان ئەسكەرلىرىنىڭ ئوق چىقىرىلغان نۇقتىغا كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

پاكىستان جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئەمەلدارى ۋاھىد قۇرەشىمۇ، 70 ياشلىق بىر بوۋاينىڭ پاكىستاننىڭ نىئازا پېر تاغلىق رايونىدا ھىندىستان تەرىپىدىن ئېتىلغان ئوق تېگىپ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھىندىستان ساقچى ئەمەلدارى م.ك.سىنخا بايانات بېرىپ، پاكىستان تەرىپىدىن ئېتىلغان ئوقتا ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىدىن بىر ئوفىتسېرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر