ئىسرائىلىيە بىرازىلىيەنىڭ قۇددۇستا دىپلوماتىك ئىشخانا تەسىس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بىرازىلىيەنىڭ قۇددۇستا دىپلوماتىك ئىشخانا تەسىس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1174405
ئىسرائىلىيە بىرازىلىيەنىڭ قۇددۇستا دىپلوماتىك ئىشخانا تەسىس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە قاتناش مىنىستىرى قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىر ۋەكىلى يىسرائىل كاتز، بىرازىلىيەنىڭ قۇددۇستا دىپلوماتىك ئىشخانا تەسىس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

يىسرائىل كاتز تۋىتتېر ئادرېسىدا مۇنۇ مەزمۇندا ئۇچۇر يازدى: «بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى جەيىر بولسوناروغا ئىسرائىلىيەنى زىيارەت قىلغاندا قۇددۇستا دىپلوماتىك ئىشخانا تەسىس قىلغانلىقى ئۈچۈن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.»

يىسرائىل كاتز تۋىتتېر ئادرېسىدا بىرازىلىيەلىك مەنسەبدېشى ئېرنېستو ئاروجو بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن رەسىمنىمۇ ھەمبەھرىلەشتى.  

مىنىستىر كاتز دىپلوماتىك ئىشخانىنىڭ ئالاھىدىلىكى توغرۇلۇق مەلۇمات بەرمىدى.

ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى جەيىر بولسونارو بايانات بېرىپ، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قۇددۇستا بىر سودا ئىشخانىسى تەسىس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان بىر يەرلىك گېزىتنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، پىرېزىدېنت بولسونارونىڭ ئۈچ كۈنلۈك رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر