ئافغانىستاندا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ ئونلارچە ئادەم قازا قىلدى

ئافغانىستاننىڭ غەربىگە جايلاشقان ھېرات ۋە بادگىس ۋىلايەتلىرىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ 15 ئادەم قازا قىلدى.

1173753
ئافغانىستاندا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ ئونلارچە ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئافغانىستاننىڭ غەربىگە جايلاشقان ھېرات ۋە بادگىس ۋىلايەتلىرىدە شىددەتلىك ھۆل-يېغىن كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدە 15 ئادەم قازا قىلدى.

ھېرات ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى جەيلانى فەرھاد، ۋىلايەت مىقىياسىدا بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇدا داۋاملاشقان شىددەتلىك ھۆل-يېغىن تۈپەيلى كەلكۈن ئاپىتى مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

كەلكۈن ئاپىتىدە 8 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتقان فەرھاد، 9 ئادەمنىڭمۇ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

فەرھاد كەلكۈن ئاپىتى تۈپەيلى يۈزلەرچە ھايۋاننىڭ قىرىلىپ كەتكەنلىكىنى ۋە مىڭدىن ئارتۇق ئۆينىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى دېدى.

بادگىس ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى جەمشىد شاھابىمۇ بادگىسنىڭ قەدىس، جەۋاند ۋە بالا مۇرگاب ناھىيەلىرىدە مەيدانغا كەلگەن كەلكۈندە 7 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

كەلكۈن سەۋەبلىك 5 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتقان شاھابى، 2 كىشىنىڭمۇ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان فەرياب ۋە بەلخ ۋىلايەتلىرىدىمۇ بىر كۈن بۇرۇن يۈز بەرگەن كەلكۈندە 8 كىشى قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر