جاممۇ كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بەردى

ھىندىستاننىڭ جامۇ كەشمىر رايونىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

1173016
جاممۇ كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ جامۇ كەشمىر رايونىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 2 قارشىلىق كۆرسەتكۈچى ئۆلدى، 4 نەپەر ھىندىستان ئەسكىرى يارىلاندى.

«ھىندىستان ۋاقتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بۈگۈن سەھەردە قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر توغرىسىدا مەلۇم قىلىش ئۇچۇرى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

نوۋگام رايونىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئەسناسىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئارىسىدا چىققان توقۇنۇشتا 2 قارشىلىق كۆرسەتكۈچى ئۆلگەن، 4 ئەسكەر يارىلانغان.

توقۇنۇشنىڭ بېسىققانلىقىنى، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئالاقىدار خادىملار، قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرگە ئائىت 2 مىلتىقنىڭ قولغا چۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلغان.

شوپائىن ۋە كۇپۋارا رايونلىرىدا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 4 قارشىلىق كۆرسەتكۈچى ئۆلگەنىدى.


خەتكۈچ: #كەشمىر

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر