ھاماس رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييە گولان تۆپىلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ھاماس سىياسىي بيۇروسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە ئامېرىكىنىڭ گولان تۆپىلىكىنى "ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىنى" دەپ ئېتىراپ قىلىش قارارىنىڭ مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرى.

1172334
ھاماس رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييە گولان تۆپىلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس سىياسىي بيۇروسى باشلىقى ھەنىيە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى. ئامېرىكىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى گولان تۆپىلىكىگە دائىر قارارىغا قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل قارارلىرى ئەرەبلەر ۋە مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېدى. 

ھەنىييە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىغىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۈشەنبە كۈنى غەززەدە ھۇجۇم نىشانى قىلغان ھاماس ھەربىي بازىسىنىڭ قايتىدىن ياسىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دونالد ترامنىڭ گولان تۆپىلىكىنى ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىنى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىش قارارى خەلقئارا جامائەتچىلىك ئارىسىدىمۇ نارازىلىق قوزغاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، تۈركىيە، ئەنگلىيە، رۇسىيە، كانادا، ئەرەب بىرلىكى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دۆلەت ۋە خەلقئارالىق ئورگانلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز بېشىمچلىىق بىلەن چىقارغان قارارىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە سۈرىيە زېمىنى ھېسابلىنىدىغان گولان تۆپىلىكىنى 1967يىلىدىن بۇيان ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇتۇپ كەلمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر