ترامپ ئالەم ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى نامزاتىنى بېكىتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى ئالەم قوماندانلىقى مەركىزىنىڭ قوماندانى گېنېرال جون ۋ. رېيمېندنى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئالەم ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىقىغا نامزات كۆرسەتتى.

1171827
ترامپ ئالەم ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى نامزاتىنى بېكىتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ترامپ 2018-يىلى دېكابىر ئېيىدا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پەرمان چۈشۈرگەن ئالەم ئارمىيەسى قوماندانلىق مەركىزى ئۈچۈن بېكىتىلگەن قوماندان نامزاتىنى كېڭەش پالاتاسىغا بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەش بۇرجەكلىك بىنا، پېنتاگون) نىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «رېيمېند تەستىقلانغان ئەھۋالدا يېقىندا قۇرۇلىدىغان ۋە ئالەمدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر بىلەن دۇنيا كۈچلىرىنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشىغا مەركەزلىشىدىغان ئامېرىكا ئالەم ئارمىيەسى قوماندانلىق مەركىزىنى باشقۇرىدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا، كېڭەش پالاتاسى رېيمېندنىڭ نامزاتلىقىنى تەستىقلىغان ئەھۋالدا ئالەم ئارمىيەسى قوماندانلىق مەركىزىدىن باشقا، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئالەم قوماندانلىق مەركىزىنىمۇ باشقۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر