پېنس ناسادىن ئايغا ئادەم چىقىرىش ئۈچۈن قاتتىق كۈچەشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس ئامېرىكا ئاسترونوملىرىنىڭ بەش يىل ئىچىدە ئايغا چىقىرىلىشىنى چاقىرىق قىلدى.

1171858
پېنس ناسادىن ئايغا ئادەم چىقىرىش ئۈچۈن قاتتىق كۈچەشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەتلىك ئالەم كېڭىشىنىڭمۇ باشلىقى بولغان مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنس كېڭەشنىڭ خانتسۋىل (Huntsville) دا ئېچىلغان يىغىنى جەريانىدا، ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم ئىدارىسى-ناسا (NASA) نىڭ ئىشلارنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈپ، ئاسترونوملارنى 2024-يىلىغىچە ئاينىڭ جەنۇبىي قۇتۇبىغا چىقىرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ ناسانىڭ بۇ ۋەزىپە ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىشىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، زۆرۈر تېپىلسا ناسا راكېتالىرى ۋە ماشىنىلىرىنىڭ ئورنىغا، خۇسۇسىي شىركەتلەر ياسىغان ئەسلىھەلەرنى ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «ھازىر تىرىشچانلىقلىرىمىزنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇشنىڭ ۋاقتى. بۇ بولۇشى مۇمكىن، بىراق تېخىمۇ ياخشى تىرىشمىساق قەتئىي بولمايدۇ» دېدى.

ناسانىڭ باشلىقى جىم برىدېنستىن (Jim Bridenstine) 2024-يىلىغىچە ئايغا ئاسترونوم چىقىرىش ئۈچۈن قولىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن مېگا (mega) راكېتالىرىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

مۇتەخەسسىسلەر ئىلگىرى 2028-يىلدىن بۇرۇن ئايغا ئاسترونوم چىقىرىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ناسانىڭ، 2024-يىلىغىچە بۇنىڭدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا.

بۇ يىل (2019) نىڭ ياز ئېيىدا ئامېرىكانىڭ ئايغا ئادەم چىقارغانلىقىغا 50 يىل توشىدۇ. ئاپوللو ئاسترونوملىرى 1972-يىلى ئايغا قەدەم باسقاندىن كېيىن، ھېچبىر دۆلەت يەرشارىنىڭ ھەمراھى ھېسابلىنىدىغان ئايغا ئادەم چىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، ناسا ئايغا ئاسترونوم چىقىرىش ئۈچۈن بارلىق خىزمەتلەرنى تاماملاشقا سەككىز يىل سەرپ قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر