ھىندىستان سۇنئىي ھەمراھلارنى ئېتىپ چۈشۈرۈش سىستېمىسىنى نەتىجىلىك سىناق قىلدى
خىتاي 2007 – يىلى سۇنئىي ھەمراھلارنى ئېتىپ چۈشۈرۈش سىستېمىسىنى سىناق قىلغان ۋە خەلقئارادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندىرا مودى بىر تېلىۋېزىيەنىڭ نەخ مەيدان پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ھىندىستان مۇتەخەسسىسىلىرىنىڭ يەر شارىنىڭ تۆۋەن ئوربىتىدىكى سۇنئىي ھەمراھنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈش سىستېمىسىنى نەتىجىلىك ھالدا سىناق قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مودى «شاكتى نىشانى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ سىناقنىڭ ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتايدىن باشقا يەنە، ھىندىستاننىمۇ بۇ خىل ئىقتىدارغا ئىگە پوۋقۇلئاددە كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.
مۇتەخەسسىسلەر سۇنئىي ھەمراھلارنى ئېتىپ چۈشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ نىشانىنىڭ بىر ئاي ئىلگىرى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلگەن ھىندىستانغا تەۋە كىچىك تىپلىق سۇنئىي ھەمراھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي 2007 – يىلى سۇنئىي ھەمراھلارنى ئېتىپ چۈشۈرۈش سىستېمىسىنى سىناق قىلغان ۋە خەلقئارادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە بولسا، 1980 – يىلى بۇ خىل سىناقلارنى ئىشقا ئاشۇرغان ئىدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۇنئىي ھەمراھلارنى ئېتىپ چۈشۈرۈش سىستېمىسى سىناقلىرىنىڭ كۆپ مىقتاردا ئالەم بوشلۇقى ئەخلەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى يۇزىسىدىن 1985 يىلى بۇ خىل سىناقلارغا خاتىمە بەرگەن ئىدى.