ئابباس: ترامپنىڭ قارارى قانۇنلۇق ئەمەس

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «گولان ئېگىزلىكى» گە ئالاقىدار قارارىنىڭ قانۇنلۇق ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

1170551
ئابباس: ترامپنىڭ قارارى قانۇنلۇق ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  پەلەستىن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (WAFA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، «<گولان ئېگىزلىكى> نى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەۋە دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلىش» قارارنامىسىنى ئىمزالىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ھەم بۇ قارارنىڭ قانۇنلۇق ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «پەلەستىننىڭ قۇددۇستىكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان، ياكى ھەرقانداق بىر ئەرەب زېمىنىنى تارتىۋېلىش نىشان قىلىنغان ھېچقانداق بىر قارار قانۇنلۇق ئەمەستۇر. ئەرەب – ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر قەدەمنى قانۇنلاشتۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋە ئەرەب تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ قارارلىرىغا رىئايە قىلىشتىن ئۆتىدۇ.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئۇدا 52 يىلدىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى «گولان ئېگىزلىكى» نىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئىسرائىلىيەگە ئائىت ئىكەنلىكى مەزمۇن قىلىنغان پىرېزىدېنت قارارنامىسىنى تۈنۈگۈن ئىمزالىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر