ئامېرىكادا ئىسلام ئۆچمەنلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

نىيۇيورك شەھىرىدە مۇسۇلمان، خىرىستىيان ۋە يەھۇدىي جامائىتىدىن تەشكىل تاپقان نامايىشچىلار، ئىسلام ئۆچمەنلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

1169776
ئامېرىكادا ئىسلام ئۆچمەنلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدىكى تايمىس مەيدانىغا يىغىلغان مۇسۇلمان، خىرىستىيان ۋە يەھۇدىي جامائىتىدىن تەشكىل تاپقان نامايىشچىلار، ئىسلام ئۆچمەنلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

يېڭى زېلاندىيەنىڭ چرىستچېرچ شەھىرىدىكى ئىككى جامەنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىدىن كېيىن، ئامېرىكادىكى مۇسۇلمان، خىرىستىيان ۋە يەھۇدىي جامائىتىدىن تەشكىل تاپقان نامايىشچىلار ئىسلام ئۆچمەنلىكىگە قارشى ئىتتىپاقلىق سىگنالى بېرىش ئۈچۈن تايمىس مەيدانىغا يىغىلدى.

نامايىشقا قاتناشقان تۈرك-ئامېرىكا مىللەتلەرنى تەشكىللەش كومىتېتى تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسى ھالىل مۇتلۇق، تۈرك-ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ يېڭى زېلاندىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ مۇسۇلمانلارغىلا ئەمەس پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان ھالىل مۇتلۇق، دۇنيادىكى مىليونلارچە كىشىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ روھىي جاراھىتىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ نەپرەت ۋە ئاق تەنلىك ئىرقچىلىقىنى مەغلۇب قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

راھىب روبېرت جونسون يېڭى زېلاندىيەدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى تۈپەيلى كۆڭلىنىڭ يېرىم بولغانلىقىنى ئېيتىپ: بۈگۈن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئىتتىپاقلاشتۇق، قايسى دىنى جامائەت بولۇشتىن قەتئىينەزەر زوراۋانلىقنىڭ ھەر  قاندىقى خاتا ۋە شەيتانىدۇر، دېدى.

ئاقساراي ئالدىغا يىغىلغان ئامېرىكادىكى  مۇسۇلمان تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرىمۇ دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام ئۆچمەنلىكى سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

يېڭى زېلاندىيەنىڭ چرىستچېرچ شەھىرىدىكى ئەل نور ۋە لىنۋۇد ئىسىملىك ئىككى جامەگە 15-مارت جۈمە كۈنى قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 50 ئادەم ئۆلۈپ 50 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر