ئىسرائىلىيە غەززەنى يەنە بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرى غەززەدىكى بىر مۇساپىر لاگېرنى بومباردىمان قىلدى.

1169556
ئىسرائىلىيە غەززەنى يەنە بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ غەززەدىكى بۇيك مۇساپىرلار لاگېرىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە، 3 كىشى يارىلاندى.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ھۇجۇمدا يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى كېيىنكى كۈنلەردە غەززەدىن ئىسرائىلىيە زېمىنلىرىغا، ئىچىدە كۆيدۈرگۈچ ماددىلار بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن شارچىلار ۋە لەگلەكلەر قويۇپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ، غەززەنى بومباردىمان قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر