ئىران ترامپنىڭ گولان تۆپىلىكلىرى توغرىسىدىكى باياناتىنى ئەيىبلىدى

ئىران، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ گولان تۆپىلىكلىرىدە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى باياناتىنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئەندىكىش پەيدا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

1168896
ئىران ترامپنىڭ گولان تۆپىلىكلىرى توغرىسىدىكى باياناتىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ گولان تۆپىلىكلىرىدە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى باياناتىنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئەندىكىش پەيدا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، ترامپنىڭ «ئىسرائىلىيەنىڭ گولان تۆپىلىكلىرىدىكى ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش ۋاقتى كەلدى» دېگەن سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ھالدا، «ھەممىمىز دونالد ترامپنىڭ ئىرقچى ئىسرائىلىيەگە ئۆزىگە ئائىت بولمىغان بىر نەرسىنى بېرىشكە ئۇرۇنۇشىدىن تەئەججۈپلەندۇق. ئالدىدا قۇددۇس، ئەمدىلىكتە گولان» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بەھرام قاسىمى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «ئىسرائىلىيەنىڭ گولان تۆپىلىكلىرىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش» توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى ئەيىبلەپ، «بۇ قارار ئەسلىدىنلا سەزگۈر ھالەتتە تۇرۇۋاتقان رايوندا يېڭى كىرىزىسلەرنى پەيدا قىلىدۇ» دېدى.

بەھرام قاسىمى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، «ئىسرائىلىيە تۈزۈمىنىڭ ئەرەب ۋە مۇسۇلمان زېمىنلىرىدا ھەققى يوق، دەرھال ئىشغال ئۇرۇنۇشلىرىغا ۋە قانۇنسىز قىلمىشلارغا خاتىمە بېرىلىشى كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ترامپنىڭ گولان تۆپىلىكلىرى توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى پەقەت سۈرىيە زېمىنلىرىغىلا مۇداخىلە قىلىش دەپ چۈشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بەھرام قاسىمى، «بۇ قارار ئەسلىدىنلا سەزگۈر ھالەتتە تۇرۇۋاتقان رايوندا يېڭى كىرىزىسلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ رايون ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھۆججەتلىرىدە ئىشغال قىلىنغان زېمىنلار، دەپ بايان قىلىنماقتا» دېدى.

ئۇ، گولان تۆپىلىكلىرى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندىكى «ئىشغالىغا خاتىمە بېرىشتىن باشقا ھېچقانداق يولى يوقلۇقى» نى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈنۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «ئارىدىن 52 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا نىسبەتەن، ئىسرائىلىيەنىڭ گولان تۆپىلىكىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ ۋاقتى كەلدى» دېگەنىدى.

سۈرىيەنىڭ گولان تۆپىلىكلىرى 1967 – يىلىدىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالى ئاستىدا تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر