جياڭسۇدىكى بىر خىمىيە زاۋۇتىدا شىددەتلىك پارتلاش يۈز بېرىپ ئونلارچە ئادەم ئۆلدى

خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى بىر خىمىيە زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 44 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 640 ئادەم يارىلاندى.

1168383
جياڭسۇدىكى بىر خىمىيە زاۋۇتىدا شىددەتلىك پارتلاش يۈز بېرىپ ئونلارچە ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تېرىقچىلىق دورىلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر خىمىيە زاۋۇتىدىكى پارتلاشقا مەزكۇر جايدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بالنىستقا ئېلىنغان يارىدارلارنىڭ ئارىسىدىكى 90 كىشىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى، شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭمۇ بالنىستقا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

2 كىلومېتىرغا يېقىن جايغا كېڭەيگەن، تەۋەلىكىدە 3 باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بىر يەسلى ئورۇن ئالغان مەزكۇر خىمىيە زاۋۇتىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر رايونىدىكىلەر بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلدى.

ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن رايوندا 176 دانە ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى ۋە مىڭغا يېقىن ئوت ئۆچۈرگۈچى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پارتلاشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى باشلىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىتالىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، ئالاقىدار تەرەپلەرنى پارتلاشقا ئالاقىدار بارلىق جىددىي تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىردى ۋە ۋەقەدىن ئىبرەت ئېلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر