ئىتالىيەدە 51 كىچىك بالا كۆيدۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا قۇتقۇزۇپ قىلىندى

ئىتالىيەنىڭ مىلانو شەھىرىدە 51 ئۆسمۈرنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈشتەك چوڭ پاجىئە قىلنىڭ ئۈستىدە توسۇپ قىلىندى.

1167684
ئىتالىيەدە 51 كىچىك بالا كۆيدۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا قۇتقۇزۇپ قىلىندى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى مىلانو شەھىرى ئەتراپىدا بىر مەكتەپ ئابتوبۇسىنىڭ شوپىرى ئىچىدە 51 كىچىك بالا ئولتۇرغان ئابتوبۇسنى ئېلىپ قېچىپ، ئوت قويۇپ بەرمەكچى بولغاندا نازارەتكە ئېلىندى.

ئۆسمۈلەردىن بىرىسنىڭ ساقچىلارغا تېلېفون قىلىشى سايىسىدا ئامانلىقنى ساقلاش كۈچلىرى ئابتوبۇسنى توسۇپ بالىلارنى قۇتقۇزۇپ قالدى. 

ئەسلى سېنېگاللىق ئىتالىيە پۇقراسى شوپۇرنىڭ ئاق دېڭىزدىكى كۆچمەنلەرنىڭ ئۆلۈملىرىگە نارازىلىق بىلدۈرمەكچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئىتالىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سان دوناتو مىلانېس يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقە تەخمىنەن 40 مىنۇت داۋاملاشقان. 

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى بىر تەنتەربىيە زالىغا ئېلىپ بارماقچى بولۇپ مەكتەپتىن تاپشۇرۇپ ئالغان 47 ياشلىق ئابتوبۇس شوپۇرى ئوسەينۇ سىي تويۇقسىز يولنى ئۆزگەرتىپ، بالىلارنى مىلانو لىنات ئايرودورۇمى تەرەپكە ئېلىپ مېڭىشقا باشلىغان.  

ئاپتوبۇستىكى كىچىك بالىلاردىن بىرسىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، شوپۇر بۇ جەرياندا ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىگە بېنزىن تۆككەن ۋە بالىلارنىڭ قوللىرىنى باغلىغان. بالىلاردىن بىرسى قولىنى باغلاقتىن يېشىشتە ئۇتۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن ساقچىلارغا تېلېفون قىلغان.  

ساقچىلار يول ئۈستىگە توساق قورۇپ شوپۇر ئوسەينۇ سىينى توختاتماقچى بولغان بولسىمۇ، شوپۇر توساقلارنى يېرىپ ئۆتۈشكە تىرىشقان. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي توختاشقا مەجبۇر بولغان ۋە ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ، چاقماق بىلەن ئاپتوبۇسقا ئوت قويۇپ بەرگەن. بىراق ئاپتوبۇسقا ئوت تۇتۇشۇپ بولغۇچە بالىلار ساقچىلارنىڭ يارىدىمى بىلەن ئابتوبۇستىن قېچىپ كېتەلىگەن.

بالىلاردىن بەزىلىرى ئوت كەتكەن ئاپتوبۇسنىڭ ئىس تۈتەكلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغان.

قالغان بالىلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر