ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن سەلدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 80 دىن ئاشتى

ھىندونېزىيەنىڭ پاپۇا ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن سەلدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 89 غا، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 74 كە چىقتى.

1166672
ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن سەلدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 80 دىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە مەملىكەتلىك تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئاگېنتلىقىنىڭ باياناتچىسى سۇتوپو پۇرۋو نۇگروھو پاپۇا ئىشتاتىنىڭ مەركىزى جاياپۇرادا شەنبە كۈنى (16-مارت) ياغقان شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان سەلدە، جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 89 غا چىققانلىقىنى، 159 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە 74 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سەلنىڭ ئەڭ كۆپ تەسىرىگە ئۇچرىغان سېنتانى رايونىدا 82 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئامپېرا رايونىدا بولسا يەتتە كىشىنىڭ سەل سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن باشقا ۋەقەلەردە جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، رايوندا 1613 كىشىلىك ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلىش ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنى تېپىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇسون يامغۇرلىرىنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرايدىغان، تىروپىك ئىقلىمىغا ئىگە ھىندونېزىيەدە، ھەر يىلى شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن پات-پات سۇ ئاپەتلىرى يۈز بېرىدۇ.


خەتكۈچ: #سەل , #سۇ ئاپىتى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر