ئىسرائىلىيە غەززەنى بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىنى بومباردىمان قىلدى.

1164063
ئىسرائىلىيە غەززەنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن كېچە غەززەدىن ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى تېل ئاۋىۋغا ئېتىلغان ئىككى راكېتامىيوتتىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىنى بومباردىمان قىلغان.

بومباردىمان قىلىنغان جايلارنىڭ ئارىسىدا ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززۇددىن قەسسام بىرېگاداسى بىلەن غەززەدىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق دېڭىز ساقچىلىرى مەركىزىنىڭمۇ بارلىقى قەيت قىلىندى.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى، ھۇجۇملاردا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈپ – كۆرۈلمىگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى ئاۋىچاي ئادرائې ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «ھازىر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى تېررورچىلارنىڭ نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلماقتا» دېدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، غەززە تەرەپتىن تېل ئاۋىۋغا ئىككى دانە راكېتامىيوت ئېتىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

مەھەللىي تاراتقۇلار، مەزكۇر راكېتامىيوتلاردىن بىرىنىڭ ئىسرائىلىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمى «تۆمۈر گۈمبەز» تەرىپىدىن ھاۋادىلا يوقىتىپ تاشلانغانلىقىنى، يەنە بىرىنىڭ تېل ئاۋىۋغا يېقىن بىر تاشلاندۇق يەرگە چۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى.

ئارمىيە باياناتچىسى رونېن مانېلىس ئىسرائىلىيە رادىيوسىغا بايانات بېرىپ، غەززە تەرەپتىن ئېتىلغان راكېتامىيوتلارنىڭ جاۋابكارىنىڭ ھاماس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسا، ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى ئىسلامىي جىھادنى جاۋابكار، دەپ قارىغانىدى.

مەزكۇر ئىككى ھەرىكەت بايانات بېرىپ، ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغانىدى.

پەلەستىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ۋەقەنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى، مىللىي يارىشىشقا زىت ھەرىكەت قىلغۇچىلارغا قارشى قەدەم تاشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر