قاتار تەبىئىي بايلىقى سەۋەبىدىن ئىشغال قىلىنماقچى ئىدى

ئەتىييە: «ئەمەلىيەتتە سەئۇ ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللاھ بىن ئابدۇلئەزىزگە سۇيىقەست پىلانلىغان كىشى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ياشىماقتا» دېدى.

1162124
قاتار تەبىئىي بايلىقى سەۋەبىدىن ئىشغال قىلىنماقچى ئىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار ئىككىنچى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى شۇنداقلا سابىق ئېنېرگىيە ۋە سانائەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئابدۇللاھ بىن ھامىد ئەل ئەتىييە قاتارنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تەبىئىي بايلىق زاپىسىغا ئىگە دۆلەت بولغانلىقى سەۋەبىدىنلا ھازىر قاتارغا ئېمبارگو يۈرگۈزىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئەسلىدە ئىشغال قىلىشماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەل ئەتىييە قاتارنىڭ لۇسائىل گېزىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، 2017يىلى ئىيۇن ئېيىدا قاتار ئارقىلىق پارىس قولتۇقىدا پەيدا قىلىنغان كىرىزىسنىڭ ئاسالسىق نىشانى ھەققىدە مۇھىم ئېنىقلىمىلاردا بولدى.

يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش بىلەن ھېچقانداق مۇناسۋىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئەتىييە، «تەبىئىي گازىمىز سەۋەبىدىن بىزنى ئىشغال قىلىشماقچى بولغان ئىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى، خەلقئارا پۇل فوندىي تەشكىلاتى «IMF» ۋە پۈتۈن دۇنيا قاتارنىڭ ھېچبىر شەكىلدە تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئىنتايىن ئېنىق بىلىدۇ» دېدى ھەمدە ئېمبارگونىڭ سەۋەبىنىڭ تېررورلۇق بىلەن ماناسىۋىتى يوقلۇقىنى، ئەسلى نىشانىنىڭ قاتارنى ئىشغال قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەتىييە قاتارغا ئېمبارگو يۈرگۈزىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئويۇننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن يېشىل چىراق يېقىلىشىنى كۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. قاتاردا 350 مىڭ مىسىر پۇقراسىنىڭ ھۆرمەت ۋە ئىززىتى بىلەن ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئىشنىڭ ھەقىقىتى تەرەپكە قارايدىغان بولسىڭىز، ئەسلىدە زىيان تارتقانلارنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈپ تاشلىغۇچىلار ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز» دېدى.

قاتارنىڭ سىياسەت بىلەن ئىقتىسادنى بىر بىرىگە ئارىلاشتۇرمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە مىسىردىن تەركىپ تاپقان بۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ قاتارغا كېلىشىگىمۇ ھچقانداق توسالغۇ پەيدا قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

قاتارنىڭ سابىق سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللاھ بىن ئابدۇل ئەزىزگە 2003يىلىدا سۈىيقەست پىلانلىغانلىقىغا دائىر ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، دەل ئەكسىچە قاتارنىڭ پادىشاھ ئابدۇللاھ بىن ئابدۇل ئەزىزنى قوتقۇزۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەتىييە: «ئەمەلىيەتتە پادىشاھ ئابدۇللاھ بىن ئابدۇلئەزىزگە سۇيىقەست پىلانلىغان كىشى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ياشىماقتا» دېدى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ سۈيىقەست پىلانىنىڭ ئارقىسىدا باشقا كۈچ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بۇنى كونكېرت بىر شەكىلدە ئېيتالمايمەن، بىراق پىلانلىغۇچىلارنىڭ شۇ يەردە ياشاۋاتقان بولۇشى بۇنىڭ بىردىن بىر ئېنىقلىمىسىدۇر» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

قاتارنىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر بىرلىكى «OPEC» تىن چىقىپ كېتىش قارارى ئۇستىدىمۇ توختىلىپ، «سەئۇدى ئەرەبىستان ئىشلىرىنى بۇ بىرلىكنىڭ سىرتىدا ماڭدۇرماقتا ۋە تەشكىلاتقا قىلچىمۇ ھۆرمەت قىلماي كەلمەكتە» دېدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر