مېكسىكادا قارا گۇرۇھلار ئادەم تۇتۇپ كەتتى

مېكسىكانىڭ شىمالىدا قوراللىق بىر قارا گۇرۇپپا يولۇچى ئاپتوبۇسىدىن 19 كىشىنى تۇتۇپ كەتتى.

1161629
مېكسىكادا قارا گۇرۇھلار ئادەم تۇتۇپ كەتتى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسمىنىڭ ئاشكارلىنىشىنى خالىمايدىغان بىر ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى تامائۇلىپاس ئۆلكىسىدە رېينوسا ۋە سان فېرناندونى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ يولدا كېتىۋاتقان ئاپتوبۇسنى بىر گۇرۇپپا قۇراللىقلارنىڭ توختاتقانلىقىنى ۋە 19 كىشىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكنى ئېيتتى. 

ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى 22 يولۇچىنى ئاپتوبۇستا قالدۇرۇپ قويغانلىقىنى ۋە تۇتۇپ كېتىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئوتتۇرا ئامېرىكىلىق كۆچمەنلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مېكسىكانىڭ تامائۇلىپاس ئۆلكىسىدە بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ 2011يىلى ئونلىغان كىشى «زېتاش بۇركۇتى» ناملىق زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچى گۇرۇپپىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن كوللىكتىپ مازارلىقلارغا كۆمۈۋېتىلگەن ئىدى.

ئەينى چاغدا تۇتۇپ كېتىلگەنلەر ئارىسىدىمۇ كۆچمەنلەر بار ئىدى.

قارا گۇرۇھلارنىڭ كۆچمەنلەرنىڭ يېقىنلىرىدىن پۇل تەلەپ قىلىش ياكى مەجبۇر ئىشلىتىش ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىشكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر