مائاس ئافغانىستاندىكى گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى بەلخ ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى مازار شەرىف شەھىرىىگە جايلاشقان ناتو ھەربىي بازسىدىكى گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى.

1161255
مائاس ئافغانىستاندىكى گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مائاس مازار شەرىف شەھىرىدىكى ھەربىي بازىنى زىيارەت قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، گېرمانىيەنىڭ ئافغانىستانغا ئەڭ كۆپ ياردم قىلغان ۋە دۆلەتتە ئەڭ كۆپ ھەربىي قىسىملىرى بار ئىككىنچى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

گېرمانىيەنىڭ ئافغانىستاندا مۇقىملىقنى ساقلاش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان مائاس، دۆلەتتە تىنچلىق ئورنىتىش مۇمكىنچىلىكىنى بارلىقىنىڭ ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «تىنچلىق ئافغانىستان خەلقىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول مۇھىم رول ئوينايدۇ» دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئافغانىستاندىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارمىقىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تەخمىنەن 1300 گېرمانىيە ئەسكىرى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر