ۋېنېزۇئېلادا توك توختاپ كېتىش ۋەقەسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلىدۇ

ۋېنېزۇئېلادا ھۆكۈمەت ۋە ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ قوللىغۇچىلىرى توك توختاپ كېتىش ۋەقەسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزىدۇ.

1160317
ۋېنېزۇئېلادا توك توختاپ كېتىش ۋەقەسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلادا ھۆكۈمەت ۋە ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ قوللىغۇچىلىرى، ۋېنېزۇئېلادا ئىككى كۈن توك توختاپ كېتىشىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزىدۇ. 

پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرونىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ شەھەر مەركىزىدە ئۆتكۈزىدىغان يۈرۈش يىغىلىشىنىڭ دۆلەت پىرېزىدېنتلىق سارىيى مىرافلورېس ئالدىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقى ۋە بۇ جايدا مادۇرونىڭ قوللىغۇچىلىرىغا خىتاب قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۆزىنى مۇۋەققەت پىرېزىدېنت ئېلان قىلغان مەملىكەتلىك مەجلىس باشلىقى خۇەن گۇايدونىڭ قوللىغۇچىلىرى بولسا چاكاۋ رايونىغا يىغىلىدۇ. ۋېنېزۇئېلانى ئىككى كۈن توكسىز قويغان توك توختاپ كېتىش ۋەقەسى  تۈپەيلى، ئۆكتىچىلەرنىڭ يىغىلىشىغا نۇرغۇن ئادەمنىڭ قاتنىشىش ئېھتىمالى بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئۆكتىچىلەرنىڭ يىغىلىشىدا خۇەن گۇايدو سۆز قىلىدىغان سەھنە ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىۋېتىلدى، سەھنىنى قۇرۇپ چىققان 3 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۆكتىچىلەر يىغىلىشنىڭ بىكار قىلىنمىغانلىقى، خۇەن گۇايدونىڭ بىر يۈك ماشىنىسى ئۈستىدە قوللىغۇچىلىرىغا خىتاب قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋېنېزۇئېلانى ئىككى كۈن توكسىز قويغان توك توختاپ  كېتىش ۋەقەسىدىن كېيىن توك لىنىيەلىرىدىكى كاشىلىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئوڭشالدى، پايتەخت كاراكاستا كۈندىلىك تۇرمۇش ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان بولسىمۇ، قاتناشتا يەنىلا قىيىنچىلىقلار داۋاملاشماقتا.

ۋېنېزۇئېلا تاراتقۇلىرىمۇ بەزى جايلاردا ھېلىھەم توك يوقلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ھۆكۈمەت بۇ قېتىمقى توك توختاپ كېتىش ۋەقەسىنى بۇزغۇنچىلىق دەپ ئاتىغان بولسا، ئۆكتىچىلەر ۋەقەنىڭ توك لىنىيەلىرىنىڭ كونا بولۇشى تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

دۆلەتلىك ئېلېكتىر سىستېمىسى ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋېنېزۇئېلا خەلقىنىڭ ۋەتەن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن قىلىنغان  ھۇجۇمغا قەھرىمانلارچە قارشى تۇرغانلىقىنى ئېيتقان مادۇرو: بىز چوقۇم غەلىب قىلىمىز، دېدى.


خەتكۈچ: #ۋېنېزۇئېلا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر