خىتاي پاراخوتى ۋىيېتنامنىڭ بىر بېلىقچى پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتتى

جەنۇبىي دېڭىزدا ۋىيېتنامنىڭ بىر بېلىقچى پاراخوتى خىتاي پاراخوتىنىڭ سوقۇشى نەتىجىسىدە چۆكۈپ كەتتى.

1159785
خىتاي پاراخوتى ۋىيېتنامنىڭ بىر بېلىقچى پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىمى خىتاي پاراخوتىنىڭ پاراسېل تاقىم ئاراللىرى ئەتراپىدا ۋىيېتنامنىڭ بېلىقچى پاراخوتىنى سۇغا چۆكتۈرۈۋەتكەنلىكىنى، پاراخوتتىكى بەش كىشىنىڭ يەنە بىر ۋىيېتنام پاراخوتى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي 1947-يىلى ئېلان قىلغان خەرىتە بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان يەر ئاستى بايلىقلىرى مول بولغان جەنۇبىي دېڭىزنىڭ %80 نىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولۇپ، فىلىپپىن، ۋىيېتنام، بىرۇنى ۋە مالايشىيا قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسى قىلماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارغا سۈنئىي ھەربىي بازىلارنى قۇرۇپ، پەيدا قىلىۋاتقان ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسىغا، رايوندىكى قوشنا دۆلەتلەردىن باشقا ئامېرىكامۇ قارشى چىقماقتا.

خەلقئارادا «پاراسېل» ۋە «سپىراتىل» دەپ ئاتىلىدىغان تاقىم ئاراللارنى، ۋىيېتنام «خواڭ سا» ۋە «چۇڭ سا»، خىتاي بولسا، «شىشا» ۋە «نەنشا چۈنداۋ» دەپ ئاتايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر