جاممۇ كەشمىردە پارتلاش يۈز بەردى

ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر رايونىدىكى بىر ئاپتوبوس بېكىتىدە بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە 18 ئادەم يارىلاندى.

1159127
جاممۇ كەشمىردە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچىلار، كەشمىرنىڭ پۇلۋاما شەھىرىدىكى بىر ئاپتوبوس بېكىتىدە بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەدە كەم دېگەندە 18 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ساقچى تەرەپ، پارتلاشقا ئالاقىدار تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پۇلۋامادا 14 – فېۋرالدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ھىندىستاننىڭ 44 ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر