پاكىستاندا قانۇنسىز دىنى تەشكىلاتلارغا تەۋە جامەلەر مۇسادىرە قىلىندى

پاكىستاندا قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا تەۋە جامە ۋە مەدرەسەلەر مۇسادىرە قىلىندى.

1158093
پاكىستاندا قانۇنسىز دىنى تەشكىلاتلارغا تەۋە جامەلەر مۇسادىرە قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندىكى قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا تەۋە جامە ۋە مەدرەسەلەر پاكىستان ۋەقپەلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

پاكىستان تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، تېررورىزمغا زەربە بېرىش خىزمەتلىرىگە دائىر دۆلەتلىك ھەرىكەت پىلانى دائىرىسىدە قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا تەۋە بولغان جامە ۋە مەدرەسەلەرنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇسادىرە قىلىنغان جامە ۋە مەدرەسەلەرگە ۋەقپەلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىمام ۋە مەدرەسە ئۇستازلىرى تەيىنلەيدىكەن.  

ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر يازغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شەھرىيار ئافرىدى مۇنداق دېدى: «دۆلەت ھەرىكەت پىلانى دائىرىسىدە قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىشنى داۋملاشتۇرىمىز.»

پاكىستاندا تۈنۈگۈنمۇ جەيشى مۇھەممەد تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تەشكىلاتنىڭ كاتتىبېشى مەسۇد ئەزھەرنىڭ ئىنىسى ۋە ئوغلى بولۇپ جەمئىي 44 تەشكىلات ئەزاسى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر