جالالئابادتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان نانگارھار ۋىلايىتىنىڭ جالالئاباد شەھىرىدىكى ئايرودۇرۇمغا يېقىن جايدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.
1157911
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان نانگارھار ۋىلايىتىنىڭ جالالئاباد شەھىرىدىكى ئايرودۇرۇمغا يېقىن جايدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 17 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى، 9 پۇقرا يارىلاندى.
نانگارھار ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى ئاتائۇللاھ ھۇگيانېي، ھۇجۇمنىڭ بىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ جالالئابادتىكى ئىشخانىسىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى، ئادەم بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىن قوراللىق كىشىلەرنىڭ شىركەتنىڭ ئىشخانىسىغا باستۇرۇپ كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ۋەقە جەريانىدا 5 ھۇجۇمچى خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
رايونغا ئەۋەتىلگەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن قوراللىق كىشىلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش 3 سائەت داۋاملاشتى.
ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.