ناتو رۇسىيەنى يادرو كېلىشىمىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى

ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو كېلىشىمى (INF) نى توڭلىتىپ قويۇشقا مۇناسىۋەتلىك قارارنامىنى ئىمزالىغان رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە قارىتا قىلغان كېلىشىمدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش چاقىرىقىنى تەكرارلىدى.

1157052
ناتو رۇسىيەنى يادرو كېلىشىمىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش كاتىپ ستولتېنبېرگ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ئىشخانىدا، بىر گۇرۇپپا ئايال ژۇرنالىستلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو كېلىشىمىنىڭ 1987-يىلدىن تارتىپ ياۋرو-ئاتلانتىك خەۋپسىزلىكىنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىنىڭ بىرى بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ «SSC8» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ، ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو كېلىشىمىگە ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ناتو ئىتتىپاقداشلىرى رۇسىيەگە كېلىشىمدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشنى چاقىرىق قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ رۇسىيەگە كۈچلۈك سىگنال بېرىش مەسىلىسىدە بىرلىككە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، كېلىشىمنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى دەسلەپتە ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ كۈنتەرتىپكە ئەكەلگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ، بارلىق ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىش قارارىنى قوللىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا «ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو كېلىشىمى بولمىغان دۇنيا» ئۈچۈن تەييارلىنىشقا باشلىغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، ئىتتىپاقنىڭ ياۋروپا زېمىنلىرىغا قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان يادرو قوراللىرى ئورۇنلاشتۇرۇش نىيىتىنىڭ يوقلۇقى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ناتونىڭ ئاساسلىق مەقسىتى توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولۇپ، بۇنى 70 يىلدىن بۇيان بىر شەكىلدە ئىجرا قىلىۋاتىدۇ.»

رۇسىيەنىڭ كرېمىل سارىيى تۈنۈگۈن (4-مارت) ئېلان قىلغان باياناتتا، پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىننىڭ سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى (SSCB) بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو كېلىشىمىنى توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك قارارنامىنى ئىمزالىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر