ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئالاباما ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە 22 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1156206
ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لې كانتاكى رايونىدا يۈز بەرگەن بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 22 گە يەتكەن بولۇپ، قازا قىلغانلار ئارىسىدا بالىلارمۇ بار ئىكەن.

شىددەتلىك بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە كۆپ ساندا كىشى يارىلانغان، دەل - دەرەخلەر يىلتىزىدىن قومۇرۇلۇپ، ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرى ئېچىلىپ قالغان.

بوران - چاپقۇن گېئورگىيە ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، كۆپ ساندىكى ئۆيلەرنىڭ دەرىزىلىرى چېقىلىپ، ئۆگزىلىرىنىڭ ئېچىلىپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇرغان مەسئۇللار، فلورىدا ۋە جەنۇبىي كالورىنا ئىشتاتلىرى ئۈچۈنمۇ بوران - چاپقۇن ئاپىتى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئالاباما ئاھالىسىدىن «ھۇشيار بولۇش ۋە بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش» لىرىنى تەلەپ قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر