ئاۋسترالىيە بۇنىڭدىن كېيىن ئائىلە ئىچى زوراۋانلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگۈچىلەرگە ۋىزا بەرمەيدىكەن

ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرى دېيۋىد كولېمان، ئائىلە ئىچى زوراۋانلىق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ جازاغا تارتىلغانلارنىڭ ئاۋسترالىيەگە كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1155946
ئاۋسترالىيە بۇنىڭدىن كېيىن ئائىلە ئىچى زوراۋانلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگۈچىلەرگە ۋىزا بەرمەيدىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Herald Sun» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرى كولېمان، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان يېڭى قانۇننىڭ روھىغا ئاساسەن، ھەرقانداق بىر دۆلەتتە ئائىلە ئىچى زوۋانلىق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغانلارغا ۋىزا بېرىلمەيدىغانلىقىنى، مەزكۇر جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ ئاۋسترالىيەدە جازاغا تارتىلغانلارنىڭ جازا مۇددىتى ۋە تۈرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مەزكۇر قانۇننىڭ 2019 – يىلى 28 – فېۋرالدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كولېمان، «ئاياللارغا ياكى بالىلارغا زورلۇق – زۇمبۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ جازاغا تارتىلغان بولسىڭىز، سىزگە ئەپۇچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىنمايدۇ» دېدى.

ئاۋسترالىيەنىڭ ئاياللار ۋە بالىلارغا قىلىنغان زوراۋانلىقنى ئەپۇ قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مىنىستىر كولىمان، «جىنايەت قەيەردە سادىر قىلىنغان بولسا بولسۇن، جازا قانچىلىك بولسا بولسۇن، ئاۋسترالىيە ئائىلە ئىچى زوراۋانلارغا يول قويمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇرۇنقى قانۇنغا ئاساسەن، خاراكتېر سىنىقىدىن ئۆتەلمىگەنلەرگە ئاۋسترالىيە ۋىزىسى بېرىلمەيتتى. يەنە، ئاۋسترالىيەدە ئائىلە ئىچى زوراۋانلىق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ 12 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى جازاغا مەھكۇم قىلىنغانلار، جازا مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر