قەندىھاردا سۇ ئاپىتى يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان قەندىھار ۋىلايىتىدە سۇ ئاپىتى يۈز بېرىپ، 12 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.
1155746
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قەندىھار ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ۋىلايەت مىقياسىدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئۇدا داۋاملاشقان شىددەتلىك ھۆل – يېغىننىڭ سۇ ئاپىتى پەيدا قىلغانلىقىنى، ئاپەتتە 12 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 18 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر ئاپەتنىڭ 575 ئۆي – ماكاننىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، يۈزلەرچە كىشىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانلار بىلەن بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.
ۋالىيلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا يەنە، يۈزلەرچە مال – چارۋىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ئاپەت تۈپەيلى بەزى يېزا يوللىرىدا قاتناشنىڭ توختاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.