ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى فىرانسىيەگە ئىقتىسادىي جازا بەردى

ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى فىرانسىيەگە كالاس شەھىرىدىكى مۇساپىرلار لاگېرىدا يالغۇز قالغان 12 ياشلىق تېگى ئافغانىستانلىق جامىل خاننى قوغدىيالمىغانلىقى ئۈچۈن 15 مىڭ ياۋرو ئىقتىسادىي جازا بەردى.

1154926
ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى فىرانسىيەگە ئىقتىسادىي جازا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ ھەقتىكى ھۆكۈمنىڭ پەقەت جامىل خان ئۈچۈنلا كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  ھۆكۈمنامىدە،  فىرانسىيە «ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋە ئادەم كەمسىتىدىغان مۇئامىلە» نى مەنئىي قىلىدىغان ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى.

فىرانسىيەنىڭ كالاس شەھىرىدىكى «<جۇڭلې> مۇساپىرلار لاگېرى» دا ئۇدا 6 ئاي يالغۇز قالغان جامىل خان ئۈچۈن بىر گۇرۇپپا ئادۋۇكات سوتقا ئەرز سۇنۇپ، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جامىل خاننى قوغداش ۋە تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنى قوللانمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

جامىل خان 2016 – يىلى «مانش دېڭىزى» دىن ئۆتۈپ ئەنگلىيەگە قاچقانىدى.

فىرانسىيە «مانش دېڭىزى» ساھىلىدىكى  تاشلاندۇق ۋە ۋەيرانە ھالەتتىكى  قانۇنسىز «<جۇڭلې> مۇساپىرلار لاگېرى» نى ۋەيران قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر